足球集

ئۈچ ئوغلىنى پۇتبولغا ئاتىغان
2019-12-31 14:44:38   作者:陈兆伟   阅读数:   我要发言(0)   收藏本文

مەشىق قىلىۋاتقان بەزى شىنجاڭلىق بالىلارنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق ، بول

مەشىق قىلىۋاتقان بەزى شىنجاڭلىق بالىلارنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق ، بولۇپمۇ ئالدىنقى ساندىكى گۇڭجۇ فۇلى مەكتىپىدىكى "باتۇر شاكىچىك " ئوبۇلقاسىمنىڭ فىلىمى بەلكىم كۆپچىلىككە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇشى مۇمكىن، ئەستايىدىل دوستلار شۇنى بايقايدۇكى فىلىم ئىچىدە ئۇنىڭ يەنە بىر ئاكىسى بار ، يەنى دۆلەت ئۆسمۈرلەر كوماندىسىدىكى ھەبىبۇللا ، ھازىر كۆپچىلىككە دەيدىغىنىمىز ئۇلارنىڭ يەنە بىر كىچىك پۇتبولچى ئۇكىسى بار بولۇپ مۇنداقچە ئېيتقاندە بىر ئۆيدىن 3 ئوغۇل بىراقلا ئۆيدىن ئايرىلىپ پۇتبول مەشىقى قىلىۋاتقان ئىدى .ئاۋال بۇ 3 ئوغۇلنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسەك :
 
\
 
 چوڭ ئوغۇل ھەبىبۇللا 2005-يىل تۇغۇلغان بولۇپ 2015-يىلى  شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە تاللىنىپ ئىچكىرىدىكى پۇتبول ھاياتىنى باشلىغان ، كېيىن ئۇكىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن گۇاڭجۇ فۇلى پۇتبول مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كەلگەن ، ھازىر ئۇ دۆلەت 15-ياشلىقلار كوماندىسىنىڭ ئەزاسى .
 
\
 
ئىككىنچى ئوغۇل ئوبۇلقاسىم 2007-يىلى تۇغۇلغان، 2015-يىلى يەنى 8 ياش ۋاقتىدا گۇاڭجۇ فۇلى پۇتبول
 
مەكتىپىگە كەلگەن،ھازىر كوماندىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى .
 
\
 
ئۈچىنچى ئوغۇل ئابدۇللا 2011-يىلى تۇغۇلغان بۇ يىل 8 ياشتا بولۇپ،ھازىر ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە تايچاق پۇتبول تەربىيلەش سىنىپىدا مەشىق قىلماقتا .
 
بۇ  3 ئاكا-ئۇكا پۇتبولچى ئەزىمەتلەرنى بىراقلا پۇتبولغا ئاتىغان قەيسەر دادا زادى كىم   ؟
 
بۇ دادىنىڭ ئىسمى ئۆمەرجان ، قەشقەر پەيزىۋاتتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ ئاددىي بىر يەككە تىجارەتچى ، كىچىكىدىن تەنتەربىيەگە قىزىققان ھەم يېنىڭ ئاتلىتكىدا ئارتۇقچىلىقى بار بولۇپ بىراق ئۇ ۋاقىتلاردا شارائىت ھازىرقى بالىلاردەك ياخشى بولمىغاچقا تەنتەربىيە ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان .
 
\
 
شۇنچە يىللار ئۆتۈپ ئۆمەرجاننىڭ ئوغۇللىرى پۇتبول تېپىشكە باشلاپ كۈندە دېگۈدەك ئاياقلىرى يىرتىق ھەم كىيىملىرى توپا كىرگىنىنى كۆرگەن ئۆمەرجان ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىگە تەسىر يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى پۇتبولدىن توسىدۇ ، بىراق كۈنلەر ئۆتۈپ بۇ بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى يەنىلا ئۆمەرجاننى ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇ ئارمانلىرىنى قايتىدىن ئەسلىتىدۇ ۋە نېمىشكە ئۇلارغا بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ سىناپ باقمايمەن دېگەن نىيەتكە كەلتۈرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى ئۆزى يېڭىپ بالىلارنىڭ مەشىق قىلىشىنى قوللايدۇ ھەم شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ ...
 
ئۆمەرجان بۇ توغرىسىدا نېمە دەيدۇ قېنى  تۆۋەندىكى ئاۋازلىق زىيارەتنى ئاڭلاپ بېقىڭ :
 
بەلكىم ھەممەيلەن ھازىرقى ئاسىيا بىرىنچى چولپىنى كورىيەلىك سۈن شىڭمىننى ۋە ئۇنىڭ ياۋرۇپادا قازانغان ئۇتۇقلىرىنى بىلىشى مۇمكىن ،لېكىن ئۇنىڭ كەينىدە ئەڭ مۇھىم بىر ئادەم بارلىقىنى يەنى كىچىكىدىن ئۇنى مەشىق قىلدۇرغان ھەم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۈن تىنسىز ئۇنى قوللىغان ۋە تەربىيە قىلغان ئۇنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى بەزىلەر بىلمەسلىكىمۇ مۇمكىن ، بىزنىڭ پۇتبولچىلىقىمىزدىمۇ مۇشۇنداق دادىلارنىڭ يەنى ئۆمەرجاندەك بالىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىدىغان دادىلارنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى ، شۇنىڭغا ئەگىشىپ يۇقارقىدەك مۇنەۋۋەر ھەم ئۇنۋىرسال ساپالىق ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چىقىشىنى ھەم كەلگۈسىدە دۆلىتىمىزگە شان شەرەپ ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ! 
 

文章关键词:三位足球少年 伟大父亲 吾买儿江 新疆足球

足球集